بۇلبۇل ۋە قىزىل ئەتىرگۈل

20221113060117980


بۇلبۇل ۋە قىزىلگۈل

ئوسكار ۋېلد


1

  ئۇنىڭ دېيىشچە «مەن ئۇنىڭغا قىزىل ئەتىرگۈل سوۋغا قىلسام، ئاندىن مەن بىلەن ئۇسۇل ئوينايدىكەن» يىگىت يىغلاشقا باشلىدى. «بىراق مېنىڭ بېغىمدا بىرەر تالمۇ قىزىل ئەتىرگۈل يوق». سېدە دەرىخىدىكى كىچىك ئۇۋىسىدا ئولتۇرغان بۇلبۇل يىگىتنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ يوپۇرماقلار ئارىسىدىن يىگىتكە قاراپ ھەيران قالدى. – مېنىڭ بېغىمدا بىرەر تالمۇ ئەتتىرگۈل يوق! دەپ نالە قىلدى يىگىت. ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى ياشقا تولغانىدى. -ئاھ، مەن نۇرغۇن دانالارنىڭ پەلسەپىۋىي مەخپىيەتلىكىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئەمما بىرەر تال قىزىل ئەتىرگۈلنىڭ پۈتۈن ئۆمرۈمنى ۋەيران قىلىۋىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەنمەن!… – مانا بۇ ھەقىقي سۆيگۈ! دېدى بۇلبۇل، – مەن كېچە-كېچىلەپ ئۇنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتاتتىم. مانا ئەمدى ئۇنى ئىنسان چېھرىدە كۆردۇم. – ئەتە كەچ زىياپەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىگىت پىچىرلىماقتا ئىدى. -مېنىڭ سۆيگۈنۈممۇ بۇ يەرگە كېلىدۇ. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا قىزىل ئەتىرگۈل سوۋغا قىلالىسام، ئۇنى باغرىمغا باسالايتتىم، ئۇمۇ مۈرەمگە بېشىنى قويغان بولاتتى. ئەمما مەندە بىرەر تالمۇ ئەتىرگۈلمۇ يوق! ئەتىرگۈل ئالغۇدەك پۇلمۇ يوق. شۇڭا مەن يالغۇز قالىمەن، يۈرىكىم پارە-پارە بولىدۇ! -مانا ھەقىقىي سۆيگۈ دېگەن-شۇ! دەيتتى بۇلبۇل ھاياجان بىلەن. سۆيگۈ راستىنلا ئۇلۇغ نەرسە، ئۇ قاشتىشىدىنمۇ قىممەتلىك، ياقۇتتىنمۇ قەدىرلىك.

  -مۇزىكانتلار سازلىرىنى چېلىشقا باشلايدۇ -دەيتتى يىگىت. -سۆيگۈنۈم ئاشۇ يېقىملىق كۈيلەرگە ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئۇسسۇلى شۇنچىلىك يېقىملىقكى، خۇددى پەرۋاز قىلىۋاتقان كېپىنەكتەك لەرزان تولغىنىدۇ، بىراق ئۇ مەن بىلەن ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا قىزىل ئەتىرگۈل بېرەلمەيدىغان بولدۇم! يىگىت ئۆزىنى چىملىققا تاشلاپ يۈزلىرىنى قاماللىغىنىچە يىغلاشقا باشلىدى.-ئۇ نېمىشقا يىغلايدۇ؟ -سورىدى كىچىك يېشىل پاتمىچۇق ئۇنىڭ يىنىدىن قۇيرۇقىنى پۇلاڭلىتىپ يۈگۈرۈپ كېتىۋىتىپ.

20221113060117877


-زادى نېمە ئۈچۈن؟ سورىدى گۈل غۇنچىلىرى ئۈستىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان كېپىنەك.

-زادى نېمە ئۈچۈن؟ دەپ پىچىرلىدى كىچىك ئاق چېچەك يېنىدىكى ھەمراھىغا تاتلىق  بېقىپ.

-ئۇ بىر تال قىزىل ئەتىرگۈل ئۈچۈن يىغلاۋاتىدۇ. جاۋاب بەردى -بۇلبۇل.

-بىر تال قىزىل ئەتىرگۈل ئۈچۈن؟! ئۇلار ھەيران قىلىشتى. -نېمانچە ئەخمەق، -دەپ قاقاقلاپ كۈلدى پاتمىچۇق.

 

2

  ئەمما بۇلبۇل يىگىتنىڭ ئازابلىرىنى چۈشەنگەچكە دەرەخ ئۈسىتىدە ئۈن-تىنسىز ئولتۇراتتى. ئۇ تۇيۇقسىز قوڭۇر رەڭلىك قاناتلىرىنى پۇلاڭلىتىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. ئۇ باغچا ئەتىراپىدىكى قارا سايلاردىن ئۇچۇپ ئۆتتى. باغدىكى چۆپلەر ئارىسىدا بىر تال قۇرىغان ئەتىرگۈل كۆچىتى تۇراتتى. بۇلبۇل ئۇنى كۆرۈپ يىنىغا ئۇچۇپ باردى-دە: ماڭا بىر تال قىزىل ئەتىرگۈل بەرگىن، -دېدى يىلىنغان ئاھاڭدا. -مەن ساڭا يېقىملىق ناخشىلىرىمنى سوۋغا قىلاي! -ياق، -دېدى ئەتىرگۈل دەرىخى بېشىنى چايقاپ:-مېنىڭ گۈللىرىم ئاق، دېڭىز بۇژغۇنلىرىدىنمۇ ئاق، ئاق باش چوقىلاردىكى قارلاردىنمۇ ئاق. ئاۋۇ قېرى سەندەل دەرىخىنىڭ يېنىدىكى ئىنىمنىڭ يېنىغا بېرىپ باق! بەلكى ئۇ ساڭا كېرەكلىك نەرسىنى بېرەر! بۇلبۇل دەرھال قېرى سەندەل دەرىخى  يىنىغا ئۇچۇپ بېرىپ ئەتىرگۈل دەرىخىنى تاپتى ۋە ئۇنىڭغا يېلىنىپ تۇرۇپ:-ماڭا بىر تال قىزىل ئەتىرگۈل بەرسەڭچۇ! مەن ساڭا يېقىملىق ناخشىلىرىمنى سوۋغا قىلاي-دېدى. -كەچۈر، دېدى ئەتىرگۈل دەرىخى بېشىنى چايقاپ: -مېنىڭ گۈللىرىم سېرىق، بىلىق تەنلىك قىزنىڭ چىچىدىنمۇ سېرىق، گۈلىستاندا ئېچىلغان سەبدە گۈلىدىنمۇ سېرىق. سەن ئاۋۇ يىغلاڭغۇ يىگىتنىڭ دەرىزىسى تۈۋىدىكى ئىنىمنىڭ يېنىغا بېرىپ باق، بەلكىم ئۇ تىلىگەنلىرىڭنى بېرەر.

 3

  بۇلبۇل يىگىتنىڭ دېرىزىسى تۈۋىدە ئۆسكەن ئەتىرگۈل دەرىخىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى.

  -ماڭا بىر تال قىزىل ئەتىرگۈل بەرگىن! -دېدى بۇلبۇل گۈلگە يىلىنىپ -مەن ساڭا ئەڭ يېقىملىق ناخشىلىرىمنى ئېيتىپ بېرەي! 

  ئەمما ئەتىرگۈل دەرىخى بېشىنى چايقىدى.

  -مېنىڭ گۈللىرىم قىزىل ئىدى -گۈل جاۋاب بەردى. -دەمدەرنىڭ بىغىشلىرىدىنمۇ قىزىل، ياقۇتتىنمۇ قىزىل ئىدى، ئەپسۇس ئاشۇ بىغەم يىگىتنىڭ سەۋەنلىكىدىن كۈزدە كۆمۈكسىز قالدىم. زىمىستان نوتىلىرىمنى ئۇشتۇپ، بوران شاخلىرىمنى سۇندۇرۇپ، ئۈششۈك غۇنچىلىرىمنى تۆكتى. مەن بۇ يىل بىرەر تالمۇ گۈل بېرەلمەيمەن!

-ماڭا پەقەت بىر تاللا گۈل كېرەك. پەقەت بىر تاللا ئەتىرگۈل، مېنىڭ باشقا ئىزدەيدىغان يىرىم يوق! مەن ئەمدى قانداق قىلاي؟ -دېدى بۇلبۇل ھەسرەت بىلەن.

-بۇ يەردە بىر يول بار، -جاۋاب بەردى ئەتىرگۈل.

-ئەمما بۇ يول شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇقكى، ھەتتا مەن ئۇنى ساڭا ئېيتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن.

-ماڭا ئېيىتقىن!-دېدى بۇلبۇل يىلىنىپ، -مەن قورقمايمەن!

  -ئەگەر ساڭا راستىلا قىزىل ئەتىرگۈل كېرەك بولسا، يىگىت ئۈچۈن سەن بەدەل تۆلە. سەن ئۇنى ئاپئاق ئايدىڭدىكى چىرايلىق ناخشىلىرىڭ ئارقىلىق ئېچىلدۇرغىن، ھەم ئۇنى يۈرىكىڭنىڭ قېنى بىلەن بويا! سەن ماڭا تىكەنلىرىم كۆكرىكىڭگە سانجىلغۇچە ناخشا ئېيتىپ بېرىشىڭ كېرەك، پۈتۈن بىر كېچە توختىماستىن ناخشا ئېيتىسەن! تىكەنلىرىم يۈرىكىڭگە سانجىلىپ، ھاياتلىق قېنىڭ بەرگىلىرىمگە ئېقىپ چۈشۈپ مېنىڭ بولۇشى كېرەك.

20221113060118875

  -توغرا، ئۆلۈم بىر تال قىزىل ئەتىرگۈل ئۈچۈن تۆلىندىغان ئەڭ ئېسىل بەدەل بولالايدۇ-دېدى بۇلبۇل ئازاپ بىلەن تولغىنىپ-ھايات ھەممىدىن قەدىرلىك ئەمما سۆيگۈ ھاياتتىنمۇ مۇھىم. بىر قۇشنىڭ يۈرىكىنى قانداقمۇ بىر ئەرنىڭ يۈرىكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن!؟ مەن ئۆلسەم مەيلى، ئەمما ئىنسان بالىلىرى ئۆز سۆيگۈلىرىگە قېنىشى كېرەك. ئۇ كۈلرەڭ قاناتلىرىنى قېقىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى-دە، باغچە ئۈستىدە ئەگىشكە باشلىدى. ئۇ توختىماي ئايلىناتتى، زېمىنغا توختىماي باقاتتى. ھەممە نەرسىگە ئاخىرقى نەزىرى بىلەن تويماي قارايتتى. يىگىت تېخىچە چىملىق ئۈستىدە ئىڭراپ ياتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىدىن تېخچە ياش قۇرۇمىغانىدى.-قايغۇرما يىگىت، مەن ئۇزاققا قالماي قىزىل ئەتىرگۈلگە ئېرىشىمەن، مەن ئۇنى ئايدىڭدىكى مۇزىكىلىرىم بىلەن ئېچىلدۇرىمەن، يۈرەك قېنىم بىلەن بويايمەن، مېنىڭ سەندىن تىلەيدىغىنىم، پەقەت ساپ سۆيگۈڭ ئارقىلىق ماڭا جاۋاب قايتۇرغايسەنكى، ۋىجدانسىزلىق ۋە ياكى بوشاڭلىق ئارقىلىق سۆيگۈ گۈلىستانىغا لەنەت ياغدۇرما!… 

  يىگىت بېشىنى كۆتۈرۈپ بۇلبۇلنىڭ سايراشلىرىغا قۇلاى سالدى. لېكىن بۇلبۇلنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى، ئەمما قارىغاي دەرىخى بۇلبۇلنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى ۋە قەلبى ھەسرەتكە تولدى. ئۇ كىچىك بۇلبۇلغا ناھايىتى ئامراق ئىدى. ئۇنىڭغا «ئۆز قەۋمىگە ۋاپا قىلمايدىغان ئىنسان بالىسىدىن ۋاپا كۈتەمسەن! بۇ نېمە دېگەن ئەخمىقانىلىق-ھە!» دېمەكچى ئىدى. ئەمما بۇلبۇلنىڭ ساددىلىقى ئۈچۈن ئاخىرقى سۆزلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ، بىر قانچە ئارزۇسىنى بۇلبۇلغا يەتكۈزدى:-ئەي بۇلبۇلۇم، ماڭا ئاخىرقى ناخشاڭنى ئېيتىپ بەرسەڭچۇ. سەن كەتسەڭ مەن تولىمۇ يالغۇز قالىمەن!-بۇلبۇل ۋاپادار قارىغاي دەرىخىگە ناخشا ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭ ناخشىسى كۈمۈش رەڭلىك شارقىراتمىدىن شاقىراپ چۈشۈۋاتقان سۈزۈك سۇنىڭ شىلدىرلاشلىرىدىنمۇ يېقىملىق ئىدى. بۇلبۇل ناخشىسىنى تۈگەتكەندە، يىگىت ئورنىدىن تۇردى.-ئۇنىڭ چىرايلىق كىيىملىرى بار، -دەيتتى يىگىت داۋاملىق ئۆزىگە پىچىرلاپ، -ئەمما ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇكى، ئۇ بارلىق ئارتىسلارغا ئوخشاش ھېچقانداق نەرسىسىنىڭ كەم بولۇشىنى خالىمايدۇ. بىراق ئۇ مېنىڭ ئەھۋالىمنى ھېس قىلالارمۇ؟ مىنى چۈشىنەرمۇ! ئۇ ياتىقىغا كىرىپ ئۆزىنى كارۋىتىغا تاشلىدى–دە ئۇزاق ئۆتمەي ئۇيقۇغا كەتتى.

4

  ئاي كۆتۈرۈلۈپ زېمىنغا ئۆز نۇرىنى چېچىشقا باشلىغاندا، بۇلبۇل گۈل تۈۋىگە ئۇچۇپ كەلدى –دە كۆكرىكىنى گۈل تىكىنگە توغرىلاپ، پۈتۈن كېچە كۆكرىكىنى تىكەنگە ئۇرۇپ سايراشقا باشلىدى. سوغۇق تولۇن ئاي كۆكتىن سىرغىپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ ناخشىسىغا قۇلاق سالماقتا ئىدى. ئۇ پۈتۈن كېچە توختىماي ناخشا ئېيىتتى. تىكەن ئۇنىڭ كۆكسىگە تېخىمۇ چوڭقۇرراق سانجىلغىنىدا ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى قانلار خوراشقا باشلىدى. ئۇ قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببەتلىك قەلبلىرى ئۈچۈن سايرايتتى. توختىماي گۈلدىن قىپقىزىل ئەتىرگۈل بېرىشىنى ئۆتۈنەتتى. دەممۇ-دەم ئاھ ئۇرۇپ توختىماي سايرايتتى. بىر ناخشا تۈگىسە، ئىككىنچى ناخشىغا ئۆتەتتى. ئەمما ئەتىرگۈل دەرىخى ئۇنى تىكەنلىرىگە تېخىمۇ يېقىنراق كېلىشكە ئۈندەيتتى. -تېخمۇ يېقىنراق كەل، كىچىك بۇلبۇل! ۋارقىرىدى گۈل، -تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن گۈلۈم ئېچىلىپ بولۇشى كېرەك! بۇنى ئاڭلاپ بۇلبۇل ئۆزىنى تىكەنلىرىگە تېخىمۇ قاتتق ئۇرۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ناخشىسى تېخمۇ ئۈنلۈك ياڭرىماقتا ئىدى. ئۇ قىز –يىگىتنىڭ مۇھەببەتلىك روھى ئۈچۈن تېخمۇ كۈچەپ سايرىدى. ئۇنىڭ نەپەسلىرى ئاجىزلاپ، قىزغۇچ سۇيۇقلۇق ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىقىپ گۈل بەرگىگە سىڭدى. ئەمما گۈل تىكەنلىرى تېخى ئۇنىڭ يۈرىكىگە يېتىپ بارمىغانىدى، تېخىمۇ چوڭقۇر، بۇلبۇل تېنىگە تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈشنى ئىستەيتتى. چۈنكى گۈل بەرگلىرى تېخچە ئاپپاق ھالەتتە ئىدى. گۈل بۇلبۇلنى تىكەنلىرىگە تېخمۇ يېقىنراق كېلىشكە، ئۆزىنى تېخمۇ قاتتىقراق ئۇرۇشقا دەۋەت قىلدى. -تېخمۇ يېقىنراق، كىچىك بۇلبۇلۇم!-ۋارقىرىدى گۈل، -تاڭ ئاتقىچە گۈلۈم ئېچىلىشى كېرەك! بۇلبۇل ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ ئۆزىنى تىكەنگە ئۇردى، تىكەن ئۇنىڭ يۈرىكىگە شۈنچىلىك قاتتىق سانجىلىپ، چىدىغۇسىز ئازاب ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىقتى، ئۇنىڭ ئاھلىرى ۋايىغا يېتىپ، كۈيلىرى تېخمۇ ئەسەبىي تۈسكە كىردى. ئۇ قەبرە ئارقىلىق خاتىرىلەنمەيدىغان بەلكى ئۆلۈم ئارقىلىق ۋايىغا يېتىدىغان سۆيگۈ ئۈچۈن ئاخىرقى ناخشىلىرىنى ئېيتماقتا ئىدى.

5

  گۈل ئاجايىپ تۈسكە كىردى، ئۇنىڭ مەڭزى قىزىرىپ يۈرەكتىن تۈس ئالغان ئىدى. ئەمما بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى ئاجىزلاپ، كىرپىكلىرى ئاخىرقى مەنزىل ئۈچۈن يۇمۇلماقتا، ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئاستا –ئاستا ئۆچۈپ بارماقتا ئىدى. ئۇ بىر نەرسە دىمىقىغا تىقىلغاندەك ھېس قىلدى–دە ئاخىرقى ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، ئاپئاق كېچە ئاسمىننى زىلزىلگە كەلتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭ ناخشىسى تۆۋەنلەشنى ئۇنتۇپ كېچە ئاسمىنىغا ئىلىنىپ قالغانىدى، قىزىل گۈل ئۇنى ئاڭلىدى، ئاي بۇنىڭدىن مۇڭلاندى. قارىغاي دەرىخى ئازاب ئىلكىدە كۆز ياشلىرىنى قاراڭغۇ تۈن قوينىغا يوشۇردى. گۈل بۇ مەنزىرىدىن تىتىرەپ ئۆز بەرگلىرىنى شىلدىرلىتىپ قىپقىزىل لەۋلىرىنى سوغۇق سۈبھى ھاۋاسىغا يايدى. ئۇنىڭ بەرگلىرىدىن تۆكۈلگەن شەبنەم: -ئاھ بۇلبۇل، ئاھ بۇلبۇل! دەپ ئىڭرايتتى. -قارا، قارا!-ۋارقىرىدى ئەتىرگۈل دەرىخى، -ئەتىرگۈل ئېچىلدى! بىراق بۇلبۇل جاۋاب بەرمىدى. ئۇ يۈرىكىگە تىكەنلەر سانجىلغان ھالەتتە چۆپلەر ئۈستىدە جانسىز ھالدا مۇڭلىنىپ ياتاتتى.
  

20221113060118561

  چۈش بولاي دېگەندە ئۇيقۇدىن ئويغانغان يىگىت دىرىزىسىنى ئېچىپ سىرتقا قارىدى.-پاھ! بەخت دېگەن شۇ ! ئۇ ۋارقىراپ تاشلىدى. -بۇ مەن كۆرگەن گۈللەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىزىلى، ئەڭ چىرايلىقى! يىگىت دېرىزىسىدىن سوزۇلۇپ ئۇنى ئۈزۈۋالدى– دە، قالپىقىنى كۆتۈرگىنىچە گۈلنى ئېلىپ قىزنىڭ يىنىغا قاراپ يۈگۈردى. -سىز قىزىل ئەتىرگۈل ئېلىپ كەلسەڭ، سەن بىلەن ئۇسسۇل ئوينايمەن دېگەنىدىڭىز، دېدى يىگىت قىزغا تىكىلىپ، -دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق قىزىل گۈل تېپىلماس! سىز بۈگۈن كەچتە ئۇنى كۆكرىكىڭىزگە تاقىسىڭىز، ئۇسىزگە مېنىڭ سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىدۇ. -بىراق-دېدى قىز چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ: بۈگۈن مېنىڭ گۈلگە مەيلىم يوق! مەن ئۇنىڭ كىيىملىرىم بىلەن ماسلاشماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن. -چەمبىرلىننىڭ جىيەنى ماڭا قاشتېشى مارجانلارنى ئەۋەتىپتۇ. ئەلۋەتتە، ھەممە ئادەم قاش تېشىنىڭ گۈلدىنمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ! يىگىتنڭ بىشىدىن ئوت چىقىپ كەتتى. ئۇ نېمە قىلىشنى بىلمەيتتى: -سىز بەك ئەسكى ئىكەنسىز!-دېدى يىگىت ئاچچىقلانغان ھالدا قولىدىكى گۈلنى يەرگە ئېتىپ. -تۇپراققا ئارىلىشىپ كەتسۇن! قىزىل گۈل بەرگىلىرى تۆكۈلۈپ يەرگە چېچىلىپ ياتاتتى. -قۇرۇپ كەتسۇن مۇھەببەت دېگەن! دېدى يىگىت كېتىۋىتىپ، -ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىش تەجرىبىسىزلىكىمدىن بولدى، ئادەم مۇشۇ يېشىدا ھەممە ئىشتا خام بولىدۇ، يەنىلا ئۆز پەلىسەپەمگە قايتاي. شۇنداق قىلىپ ئۇ ياتىقىغا قايتىپ ئەسكى كىتابنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. بىر ئاماللارنى قىلىپ قىزنى ئۇنۇتماقچى بولدى. دېمسىمۇ نەچچە سائەتكە قالماي ئۇنىڭ قەلبىدە يەنە باشقا بىر قىزغا  بولغان ئىنتىلىش مەۋج ئۇرۇشقا باشلىدى.

6

  قىز ھۇجرىسى ئالدىدا بەرگىلىرى چىچىلغان بىر تال قىزىل ئەتىرگۈل، يىگىت دىرىزىسى سىرتىدا جانسىز بىر بۇلبۇلنىڭ جەسىدى مۇڭلىنىپ ياتاتتى. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى كۆرۈنۈشلىرىدىن بىر خىل نەپرەت كۈيى ياڭراۋاتقاندەك قىلاتتى. -ئەي، ئىنسان! ئەي قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان قەدىرسىزلەر!…

مەسئۇل مۇھەررىر: ئەلىجان، تاھىرجان

كىرىشتۈرگۈچى: ئۈزگۈن


20221113060118935

© 版权声明
THE END
喜欢就支持一下吧
点赞0 分享
相关推荐
  • 暂无相关文章
  • 评论 抢沙发

    请登录后发表评论

      暂无评论内容