مۇناسىۋىتىڭلار ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، بەك يېقىنلىشىپ كەتمەڭ

خەلق تورى خەيرلىك كەچ سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر ئۆتكۈر پىكىرلەر بىلەن ئىدىيەڭىزنى ئويغىتىپ، ئىللىق سۆزلەربىلەن قەلبىڭىزگە تەسەللىي بېرىدۇ

ھەر كۈنى كەچتە، سىز بىلەن بىرلىكتە دۇنيانى كۆرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىشىڭىزغا ھەمراھ بولىمىز. 

ئەتراپىڭىزدىكى ئامراق كىشىلىرىڭىزگە ھەمبەھىرلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 




关系再好,也不要走得太近

مۇناسىۋىتىڭلار ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، بەك يېقىنلىشىپ كەتمەڭ



ღ ღ ღ


常听人说距离产生美,却不知到底怎样的距离才是最佳。

كىشىلەرنىڭ ھەمىشە: «ئارىلىقتىن گۈزەللىك ھاسىل بولىدۇ» دېيىشكىنىنى ئاڭلىساقمۇ، ئەمما، زادى قانچىلىك ئارىلىقنىڭ ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.

毕竟,人和人之间,一旦隔得远了,关系就淡了;而靠得近了,是非也就多了起来。

چۈنكى، نېمىلا دېگەنبىلەن كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراقلاپ كەتسە، مۇناسىۋىتى سۇسلىشىپ كېتىدۇ؛ ئارىلىق يېقىن بولۇپ كەتسە ئارىدا گەپ-سۆز كۆپىيىپ كېتىدۇ.

于我而言,产生美的距离,没有最佳,只有合适。关系不同,所要保持的距离也就不同。

ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گۈزەللىك ھاسىل قىلىدىغان ئارىلىقنىڭ ئەڭ ياخشىسى مەۋجۇت بولماستىن، پەقەت مۇۋاپىقىلا بار. مۇناسىۋەتلەر ئوخشىمىسا، ساقلايدىغان ئارىلىقمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

有专家指出:

بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتكەن:

如果地球和太阳的距离再近1%,地球就是一个永恒的火焰山;如果再远3%,地球就是一个永恒的广寒宫

ناۋادا، يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقى يەنە %1 يېقىنلاشقان بولسا، يەر شارى مەڭگۈلۈك «يالقۇنتاغ»قا ئايلىنىپ قالاتتى؛ ناۋادا، يەنە %3 يىراقلاشقان بولسا، يەر شارى مەڭگۈلۈك «مۇز ئوردىسى»غا ئايلىنىپ قالاتتى.

现在的距离不远不近,恰到好处。所以不是距离产生美,而是合适的距离产生美

ھازىر يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقى يىراقمۇ، يېقىنمۇ ئەمەس، نەق مۇۋاپىق. شۇڭا، «ئارىلىق گۈزەللىك ھاسىل قىلماستىن»، بەلكى، «مۇۋاپىق ئارىلىقلا گۈزەللىك ھاسىل قىلالايدۇ».

人与人之间相处,好似地球和太阳,保持了适度的距离,平衡才得以维持。

كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئارىلىق مۇۋاپىق ساقلىنىپ تەڭپۇڭلاشقاندا، ئاندىن داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

不管和谁在一起,都一定要牢记:最好的相处,是保持距离。

مەيلى كىم بىلەن بىللە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بۇنى چوقۇم ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ: ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىش ئۇسۇلى دەل ئارىلىق ساقلاشتۇر.


ღ ღ ღ


与父母相处

ئاتا-ئانىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا،

常怀感恩之心

ھەرۋاقىت مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولۇش

周六晚上,我洗完澡躺床上刷朋友圈,看到同事叶子一小时前发了一张满桌美食的照片,看着特别有食欲。

شەنبە كۈنى كەچتە، مەن مۇنچىغا چۈشۈۋالغاندىن كېيىن، كارىۋىتىمدا يېتىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى كۆرۈۋاتقىنىمدا، خىزمەتدىشىم يېزى بىر سائەت ئىلگىرى يوللىغان بىر ئۈستەل نازۇ-نېمەتنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ تائاملار قارىماققىلا كىشىنىڭ ئالاھىدە ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى.

配文:

بۇ سۈرەتكە مۇنۇ مەزمۇن ماسلاشتۇرۇلغانىدى:

皮一下,世上只有妈妈好,有妈的孩子像块宝,没妈的孩子像根草。

شوخلۇق قىلىپ قوياي، دۇنيادا ھەممىدىن ياخشىدۇر ئاپا، ئوخشايدۇ گۆھەرگە ئاپىسى بار بالا، ئوخشايدۇ ئوت-چۆپكە ئاپىسى يوق بالا.

这条朋友圈不仅收获了超多点赞,底下更是一连串的羡慕嫉妒。当然,我也是其中一员。

دوستلار چەمبىرىكىگە يوللانغان بۇ مەزمۇن ئالاھىدە كۆپ ئالقىشلاشقا ئېرىشكەندىن باشقا، يەنە مەزمۇن ئاستىغا «ھەسەت-ھەۋەس» مەنىسىدە يېزىلغان بىر قاتار باھالار توشۇپ كەتكەنىدى. ئەلۋەتتە، مەنمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدىم.

叶子的家并不在这座城市,高铁要两个小时,距离不算近,可她妈妈每月雷打不动地来看她两次,帮她打扫打扫卫生、做做饭,可每次最多也就待个三天。

يېزىنىڭ ئائىلىسى بۇ شەھەردە ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ يۇرتىغا تېز سۈرئەتلىك پويىزدا ئىككى سائەتتە بارغىلى بولاتتى، يېقىن دەپ كەتكىلى بولمايتتى. بىراق، ئانىسى ھەر ئايدا ئۇنى چوقۇم ئىككى قېتىم كۆرگىلى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆي تازىلاپ، تاماق ئېتىپ بېرەتتى، ھەر قېتىم كەلسە، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئۈچ كۈنلا تۇراتتى.

用叶子的话来说,就是:

يېزىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بۇنداق قىلغىنى:

我妈在家也没什么事,估计是想我了,就来看看我,虽然她从来都不说。

«ئانامنىڭ ئۆيدە باشقا ئىشىمۇ يوق، ئېھتىمال، ئۇ ئەزەلدىن ئاغزىدىن چىقىرىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما، مېنى سېغىنغانلىقى ئۈچۈن يوقلاپ` كېلىدىغاندۇ.

正好给我做饭吃,有人照顾的感觉真好啊。

ماڭا تاماق ئېتىپ بېرىدىغان، ھالىمدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم بولسا بەك ياخشى بولىدىكەن.»

这种感觉确实很好,在外打拼不易,夜深人静之时,最是思念家乡景,有父母在身边陪着,无疑是最幸福的事。

بۇ خىل تۇيغۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ ياخشى. ياقا-يۇرتلاردا تىرىكچىلىك قىلىش ئاسان ئەمەس، كەچ كىرىپ، ئەتراپنى جىمجىتلىق قاپلىغاندا، ئادەمنىڭ ئەڭ بەك سېغىنىدىغىنى دەل يۇرتىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ يېنىدا بولۇشىنى ئەڭ بەختلىك ئىش دېيىشكە بولىدۇ.

这就是父母不言说的爱,暖心却不烫心,用行动诠释着浓浓的关怀,小心翼翼地将你捧在手心。

بۇ دەل ئاتا-ئانىلارنىڭ تىلسىز ئىپادىلەنگەن مۇھەببىتى بولۇپ، ئۇ كىشىگە ئىللىقلىق بېغىشلىسىمۇ، ئەمما، بىئارام قىلمايدۇ. ئۇلار ھەرىكىتى ئارقىلىق كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىپادىلەيدۇ، بىزلەرنى ئالىقىنىدا كۆتۈرگەندەك ئاۋايلايدۇ.

在你迷茫无助之时,张开温暖的怀抱;在你展翅翱翔之际,做好坚实的后盾。

گاڭگىراپ ياردەمسىز قالغان چاغلىرىڭىزدا، ئىللىق قۇچىقىنى ئاچىدۇ؛ قاناتلىرىڭىزنى يېيىپ پەرۋاز قىلغىنىڭىزدا بولسا، سىزنىڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرىكىڭىزگە ئايلىنىدۇ.

哪怕你已是可以独当一面的成年人,在他们眼里,永远都是那个小不点。

سىز بىر ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بېجىرەلەيدىغان قۇرامىغا يەتكەن ئادەم بولسىڭىزمۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈ ھېلىقى كىچىك بالا.

可你要知道,父母不是超人,他们精力有限,总有一天会老,不可能一直陪着我们;他们也没有义务一辈子都照顾我们。

بىراق، بىلىشىڭىز كېرەككى، ئاتا-ئانىلار خاسىيەتلىك ئادەم ئەمەس، ئۇلارنىڭ زېھنى چەكلىك بولىدۇ، ھامان بىر كۈنى قېرىيدۇ، بىزگە ئىزچىل ھەمراھ بولالمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھالىمىزدىن بىر ئۆمۈر خەۋەر ئالىدىغان مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ.

为人子女,总要长大,用肩膀撑起属于自己的一片天,在力所能及的范围内,给父母最好的,让他们也享受一下生活。

بالىلار ھامان چوڭ بولۇپ، ئۆزىگە تەۋە ئىشلارنى زىممىسىگە ئالىدۇ، ئىقتىدارى يەتكەن دائىرىدە ئاتا-ئانىسىغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرىپ، ئۇلارنى تۇرمۇشتىن بەھرلەندۈرىدۇ.

永远不要心安理得地接受父母的爱,一定要常怀感恩之心,保持着这份亲情的界限感,时刻记着他们的好。

ئاتا-ئانىڭىزنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى مەڭگۈ خاتىرجەم ھالدا قوبۇل قىلىۋەرمەي، دائىما مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولۇڭ، مۇشۇ خىل ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق چېگرىسىنى ساقلىغان ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆزىڭىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرىنى ھەرۋاقىت ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ.

说一句:爸妈,辛苦了,谢谢你们!

بىر ئېغىز: «دادا، ئانا، جاپا چەكتىڭلار، رەھمەت سىلەرگە!» دەڭ.


ღ ღ ღ


与伴侣相处

جورىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشقاندا،

给予对方自由与尊重

قارشى تەرەپكە ئەركىنلىك بېرىش ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەش

上个月约了几个大学同学出来吃饭,席间聊到婚姻大事,不免提起了我们班的班对:肖楠和周琦。

ئۆتكەن ئايدا، داشۆدىكى بىرنەچچە ساۋاقدىشىم بىلەن بىرلىكتە تاماق يېگەن بولۇپ، تاماق ئارىلىقىدا كۆپچىلىك توي ئىشى توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالدى ھەمدە بۇ جەرياندا سىنىپىمىزدىكى بىر جۈپلەر بولغان شياۋنەن بىلەن جوۋچىنى تىلغا ئېلىشتىن ساقلىنالمىدى.

他俩郎才女貌,无比登对,一毕业就结了婚,一手毕业证一手结婚证,跟我们这些单身狗比起来,简直就是人生赢家。

ئۇلار ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك بەكلا ماسلاشقان بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا توي قىلغان، ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى بىلەن توي خېتىگە ئارقا-ئارقىدىن ئېرىشىپ، بىزگە ئوخشاش بويتاقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھاياتتىكى يەڭگۈچىلەرگە ئايلىنىپ قالغانىدى.

正当我们无限感慨的时候,小孟突然插进来一句话:你们难道不知道他俩要离婚了吗?

بىز چەكسىز خۇرسىنىۋاتقان شۇ پەيتتە، شياۋمېڭ تۇيۇقسىز: «ئەجىبا، سىلەر ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟» دەپ قالدى.

大家一脸震惊:不知道啊,什么时候的事儿?

بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك قاتتىق ھەيران بولۇشتى: «بىلمەيدىكەنمىز، قاچانقى ئىشلار بۇ؟».

小孟说:就上周啊,琦琦还哭着跑来我家……”

شياۋمېڭ: «ئۆتكەن ھەپتە شۇنداق بوپتۇ، چىچى تېخى يىغلىغىنىچە ئۆيۈمگە كەپتۇ….» دېدى.

从小孟的诉说中,我大概了解了事情的经过。

شياۋمېڭنىڭ بايانلىرىدىن ئىشنىڭ جەريانىنى ئانچە-مۇنچە چۈشەنگەندەك بولدۇم.

周琦有了孩子之后,就在家做起了全职太太,没有了经济来源,就少了几分底气。

جوۋچى يەڭگىگەندىن كېيىن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئائىلە ئايالى بولىدۇ، كىرىم مەنبەسى بولمىغانلىقتىن، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمۇ ئاجىزلايدۇ.

加上女人本来就比较敏感,只要肖楠回家晚了,她就会一直追问。

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاياللار تۇغما سەزگۈر بولغانلىقتىن، شياۋنەن ئۆيگە كەچ قالسىلا، توختىماي كوچىلاپ سوئال سورايدۇ.

一开始肖楠还觉得这是对他的关心,挺开心的。

دەسلەپتە، شياۋنەن ئۇنى ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، تولىمۇ خۇشال بولىدۇ.

可时间一长,心里总卡了根刺,加上周琦时不时还查他的手机,越来越觉得这是周琦对他的盘问。

بىراق، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ كۆڭلى قالايمىقان بىر نەرسە يەۋالغاندەك بىئارام بولىدۇ، بۇنىڭغا ئۆتكەن ھەپتە جوۋچىنىڭ ئۇنىڭ يانفونىنى پات-پات تەكشۈرۈشى قوشۇلۇپ، جوۋچى ئۆزىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.

慢慢地肖楠就开始疏远了,周琦神经比较大条,也没怎么在意。虽然平时会有争吵,但她觉得夫妻吵架很正常。

شۇنىڭ بىلەن، شياۋنەن بارا-بارا ئۇنىڭدىن يىراقلاشسا، جوۋنەن مىجەزىدىكى بىپەرۋالىق سەۋەبلىك ئۇنىڭغا ئانچە ئېتىبار قىلمايدۇ. گەرچە، ئۇلار ئادەتتە ئۇرۇش-تالاش قىلىپ قالسىمۇ، ئەمما، جوۋچى ئەر-ئاياللارنىڭ سوقۇشۇشىنى ناھايىتى نورمال ئىش دەپ قارايدۇ.

直到肖楠跟她提了离婚,她才意识到问题的严重性。

شياۋنەن ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۇ ئاندىن مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

可肖楠是铁了心要离婚,说是不想再过这种没有一点自由和尊重的生活了。

بىراق، شياۋنەن قەتئىي ئاجرىشىش نىيىتىگە كەلگەنلىكتىن، ئازراقمۇ ئەركىنلىك بولمىغان ۋە ھۆرمەت ئاتا قىلىنمىغان تۇرمۇشتا ياشىغۇسى يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ.

都说百年修得同船渡,千年修得共枕眠。在茫茫人海中,要遇到那个对的人,何其不易。

ھەممە ئادەم: «يۈز يىلدا تەڭ يۈرىدىغان قېيىق ياسىغىلى بولسا، مىڭ يىلدا ئاندىن ئۆزى بىلەن مەقسەتداش ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ» دېيىشىدۇ. بىپايان ئادەم دېڭىزىدا، توغرا ئادەمگە ئۇچراش ھەرگىز ئاسان ئەمەس.

谈恋爱的时候,荷尔蒙飙升,恨不得天天腻在一起,只要过得开心就好,其他都不需要考虑。

قىز-يىگىتلەر مۇھەببەتلىشىۋاتقان چاغلاردا، ھورمونلارنىڭ مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ھەر كۈنى بىللە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈنلىرى خۇشال ئۆتسىلا، باشقا ھېچقانداق نەرسىنى ئويلىشىشىنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ.

可结婚不一样,结了婚,肩上就多了一份家庭的责任,压力陡增,任谁都需要一个缓冲期来适应。

بىراق، توي قىلىش ئوخشىمايدۇ، توي قىلغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ زىممىسىگە بىر ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئارتىلىدۇ، بېسىم تېز سۈرئەتتە ئاشقان چاغلاردا، ھەرقانداق ئادەم بىر ماسلىشىش دەۋرىگە موھتاج بولىدۇ.

夫妻,本就是因为爱而结合在一起的,想要这份爱不被时间冲淡,双方就一定要努力地去经营,离了任何一方都不行。

ئەر-خوتۇنلار ئەسلىدىلا مۇھەببەت سەۋەبلىك ئائىلە قۇرغانلىقتىن، بۇ مۇھەببەتنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىپ كېتىشىنى خالىمىسا، ئائىلىسى ئۈچۈن ھەر ئىككەيلەن تىرىشىپ كۈچ چىقىرىشى، ھېچقايسى تەرەپ پەرۋاسىز تۇرۇۋالماسلىقى كېرەك.

和你共度一生的伴侣,是比父母还亲密的存在,但TA不会像父母那样无条件地包容你。

ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭىز سىزگە ئاتا-ئانىڭىزدىنمۇ يېقىن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇ سىزگە نىسبەتەن ئاتا-ئانىڭىزغا ئوخشاش شەرتسىز كەڭقورساقلىق قىلالمايدۇ. 

做任何事,都一定要记得给予对方适度的自由与尊重,这是婚姻幸福美满的不二法门。

ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، قارشى تەرەپكە مۇۋاپىق ئەركىنلىك ۋە ھۆرمەت بېرىشنى ئەستە ساقلاش كېرەك. بۇ توي تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ۋە مۇكەممەل بولۇشىدىكى بىردىنبىر چارە.


ღ ღ ღ


与朋友相处

دوستلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغاندا، 

切忌索求无度

چەكلىمىسىز ھالدا بىر نەرسە تەلەپ قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك

璐璐和小云是我前单位的同事,她俩整天黏在一起,比亲姐妹还要好。

لۇلۇ بىلەن شياۋيۈن مېنىڭ بۇرۇنقى ئىدارەمدىكى خىزمەتداشلىرىم بولۇپ، ئىككەيلەن كۈنبويى بىللىلا يۈرەتتى، مۇناسىۋىتى ئۆز ئاچا-سىڭىللاردىنمۇ يېقىن ئىدى.

一起住,一起吃,一起玩,连上厕所都要一起,更是知道对方所有的喜怒哀乐。

ئۇلار بىللە تۇراتتى، بىللە تاماق يەيتتى، بىللە ئوينايتتى، ھەتتا، ھاجەتخانىغىمۇ بىللە باراتتى، قارشى تەرەپنىڭ قايغۇ-ھەسرەت ۋە خۇشاللىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشى بىلەتتى.

我跟她们玩得比较好,现在还经常会有联系。

مېنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ياخشى بولغانلىقتىن، ھازىرمۇ پات-پات ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق.

昨天晚上,小云打电话给我,怒气冲冲地说:我和璐璐绝交了,当我以前瞎了眼,现在总算是认清了。

تۈنۈگۈن كەچتە، شياۋيۈن ماڭا تېلېفون قىلىپ قاتتىق ئاچچىقلانغان ھالدا: «لۇلۇ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلدى، ئىلگىرى كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قاپتىكەن، ئەمدى ھەقىقىي ئېنىق كۆردۈم» دېدى.

我心里一惊,你们俩怎么了?有事可以好好说,怎么一上来就绝交?

مەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇپ: «ئىككىڭلارغا نېمە بولدى؟ ئىش بولسا ئوبدان پاراڭلاشساڭلار بولىدىغۇ، ھاپىلا-شاپىلا مۇناسىۋەتنى ئۈزگىنىڭلار نېمىسى؟» دەپ سورىدىم.

你不知道,璐璐这次真的太过分了!

«سىز بىلمەيسىز، لۇلۇ بۇ قېتىم بەك ئاشۇرۇۋەتتى!

上上个星期,我们说好休年假一起出去旅游,我把行程、机票、酒店全部都定好了,就等着出去玩了。

ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا بىز يىللىق دەم ئېلىشىمىزنى تەستىقلىتىپ بىرلىكتە ساياھەتكە بېرىشقا كېلىشكەندىن كېيىن، مەن يۈرۈش لىنىيەسى، ئايروپىلان بېلىتى ۋە مېھمانخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى زاكاز قىلىپ ۋە بېكىتىپ، ئويناپ كېلىشكە تەييار بولۇپ تۇرغانىدىم.

今天中午,突然跟我说她还有另外一个朋友要跟我们一起,因为是她请的,所以费用要她出,但是她钱不够,让我和她平分。

بىراق، بۈگۈن چۈشتە ئۇ ماڭا تۇيۇقسىز يەنە بىر دوستىنىڭمۇ بىز بىلەن بىللە بارىدىغانلىقىنى، ئۇ تەكلىپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك چىقىمنىمۇ ئۆزى چىقىرىدىغانلىقىنى، بىراق، پۇلى يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇ چىقىملارنىڭ مېنىڭمۇ تەڭ تۆلىشىپ بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

我当时就拒绝了,突然来一个陌生人本来就不开心,凭什么还要我出钱?我的钱是天上掉下来的吗?

مەن شۇ ھامان رەت قىلدىم. تۇيۇقسىز بىر ناتونۇش ئادەم پەيدا بولغانلىقىدىن خاپا بولۇپ تۇرسام، نېمىشقا يەنە پۇل چىقىرىدىكەنمەن؟ مېنىڭ پۇلۇم بىكارغا كەپتۇمۇ؟

没想到,她竟然说我小气!

بىراق، ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ مېنى <پىخسىق> دەيدۇ!

真的是要气死了,不说平时和她出去吃的、玩的都是我花钱,就说这次旅游,也都是我在准备,我在花钱。

بەكلا ئاچچىقىم كەلدى، ئادەتتە ئۇنىڭ بىلەن تاماق يېگىلى چىققان، ئوينىغىلى بارغانلاردا خەجلەيدىغىنىمىزنىڭ مېنىڭ پۇلۇم ئىكەنلىكىنى دېمىگەندىمۇ، بۇ قېتىمقى ساياھەتنىڭ ھەممە تەييارلىقىنى مەن قىلغان، مەن پۇل خەجلەيدىغان تۇرسام.

想着我俩是好闺蜜就不计较了,现在为了她朋友居然这样说我,到底把我当什么了?冤大头吗?

ئىككىمىز يېقىن دوست دەپ ئارتۇق ھېسابلاشمىسام، ئەمدىلىكتە دوستى ئۈچۈن مېنى ئاشۇنداق دەيدۇ. مەن ئۇنىڭغا زادى نېمە كۆرۈنۈپ قالغاندىمەن؟ پۇل خەجلەشنى بىلمەيدىغان بەتخەج كۆرۈنگەندىمەنمۇ؟»

生活中,其实有很多璐璐,和朋友关系亲近了一点,就忘记了分寸。

ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشىمىزدا «لۇلۇ»لار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار دوستلىرى بىلەن ئازراقلا يېقىنلىشىپ قالسا، ئىش-ھەرىكەتتە چەككە دىققەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

从朋友那儿得到的一切,都觉得是理所当然,是你应该要给我的。

دوستىدىن ئېرىشكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەقلىق، ماڭا بېرىشى كېرەك دەپ ئويلايدۇ.

一旦朋友拒绝了他的要求,立马就开始抱怨,甚至换了一副嘴脸。

دوستى تەلىپىنى رەت قىلىپلا قالسا، دەرھال ئاغرىنىشقا باشلايدۇ، ھەتتا، پۈتۈنلەي باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

朋友帮你是情分,不帮你是本分,不要仗着朋友对你好就肆无忌惮,毫无顾忌。

دوستىڭىزنىڭ سىزگە ياردەم بېرىشى ئۇنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى بولسا، ياردەم بەرمەسلىكى قائىدە بويىچە ئىش قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، دوستىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ بەك ھەددىڭىزدىن ئېشىپ، ھېچنەرسىدىن تەپتارتمايدىغان بولۇپ كەتمەڭ.

真正的友情是纯粹、不掺杂质的,是你给我一分,我便还你十分的珍惜。

ھەقىقىي دوستلۇق ساپ، ھېچقانداق مەقسەت ئارىلاشمىغان بولىدۇ، «سىز ماڭا بىر پۇڭ بەرسىڭىز، مەن سىزگە ئون پۇڭ قايتۇرىمەن» دېگەن ھالەتتە قەدىرلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

朋友之间,一定要时刻牢记无所求,谨记该有的分寸感,这样的友情才能长久。

دوستلار ئارىسىدا ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ھەرقانداق ئىشنىڭ جايىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. مۇشۇنداق دوستلۇقلا ھەقىقىي ئۇزۇنغا داۋاملىشالايدۇ.


ღ ღ ღ


季羡林老先生在《季羡林谈人生》中提到人际交往,是这样说的:

مويسىپىت جى شيەنلىن ئۆزىنىڭ: «جى شيەنلىننىڭ ھايات توغرىسىدىكى قاراشلىرى» ناملىق ئەسىرىدە، كىشىلىك ئالاقە توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:

一个人活在世界上,必须处理好三个关系:

ئادەم بۇ ھاياتىدا ئۈچ خىل مۇناسىۋەتنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:

第一,人与大自然的关系;第二,人与人的关系,包括家庭关系在内;第三,个人心中思想与感情矛盾与平衡的关系。

بىرىنچى، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى؛ ئىككىنچى، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت، بۇ ئائىلە مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئۆزىنىڭ ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىدىكى زىددىيەت بىلەن تەڭپۇڭلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى.

这三个关系,如果能处理很好,生活就能愉快;否则,生活就有苦恼。

ناۋادا، بۇ ئۈچ مۇناسىۋەت ناھايىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنسا تۇرمۇش خۇشال ئۆتىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا، تۇرمۇش پەرىشانلىقتا ئۆتىدۇ.

今天,我们谈的便是人与人的关系,也是这世上最为复杂的关系。

بۈگۈن پاراڭلاشقىنىمىز كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت، شۇنداقلا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ھېسابلىنىدۇ.

不知道你有没有听说过刺猬法则,其中包含着一个十分有趣的现象。

سىزنىڭ «كىرپە قانۇنىيىتى» توغرىلىق ئاڭلىغان، ئاڭلىمىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن. بۇ پىرىنسىپتا تولىمۇ قىزىقارلىق ھادىسىدىن بىرى بار.

在一个寒冷的冬季,两只困倦的刺猬因为冷而拥抱在了一起,但是无论如何它们都睡不舒服,由于它们各自身上都长满了刺,紧挨在一块就会刺痛对方,反倒睡不安宁。

قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، قاتتىق ئۇيقۇسى كېلىپ كەتكەن ئىككى كىرپە سوغۇق سەۋەبلىك قۇچاقلىشىپ تۇرۇۋاپتۇ. بىراق، ھەر ئىككىلىسىنىڭ بەدىنى تىكەنلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكتىن، يېقىن چاپلىشىۋالسا، تىكەنلىرى قارشى تەرەپكە سانجىلىپ كېتىپ، پەقەتلا ياخشى ئۇخلىيالماپتۇ.

因此,两只刺猬就离开了一段距离,可是又实在冷得难以忍受,因此就又抱在了一起。

شۇ سەۋەب ئىككى كىرپە ئازراق ئارىلىق تاشلاپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما، سوغۇققا پەقەتلا بەرداشلىق بېرەلمەي، قايتىدىن قۇچاقلىشىۋاپتۇ.

折腾了好几次,最后它们终于找到了一个比较合适的距离,既能够相互取暖又不会被扎。

ئۇلار مۇشۇنداق بىرنەچچە قېتىم ھەپىلەشكەندىن كېيىن، ئاخىرى ھەم بىر-بىرىنى تىكەنلىرى چاقمايدىغان، ھەم بىر-بىرىنى ئىسسىتالايدىغان بىر مۇۋاپىق ئارىلىق تېپىۋاپتۇ.

其实,这就是在人们在与他人交往过程中的心理距离效应

ئەمەلىيەتتە، بۇ دەل كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىش قىلىشى جەريانىدىكى «پىسخىكىلىق ئارىلىق ئېففېكتى»دۇر.

越长大,越是发现总有那么些时候不想被人打扰,只想一个人静静地思考、放空。

ئادەمنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى، باشقىلارنىڭ دەخلى قىلىشىنى خالىماي، ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئۆزىنى ئازادىلەشتۈرىدىغان شۇنداق بىر ۋاقىتلارغا موھتاج بولىدىغانلىقىنى شۇنچە بەك بايقايدۇ.

关系再好,也别靠得太近,愿你珍惜这份来之不易的情!

مۇناسىۋىتىڭلار ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، بەك يېقىنلىشىپ كەتمەسلىكىڭىزنى، ئېرىشىش قىيىن بولغان بۇ ھېسسىياتنى قەدىرلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!


图片



تەييارلىغان مەزمۇنىمىز يارىغان بولسا، 

چەمبىرەككە ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يوللاپ قويغايسىز



         بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا

         مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

         مەنبە: خەلق تورى



图片



خەيرلىك كەچ سەھىپىسى


◇ بىر ئائىلىنىڭ بارا-بارا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ تۆت ئالامىتى

◇ چوڭ ئىش قىلالايدىغانلاردا بولىدىغان تۆت ئالاھىدىلىك

◇ ھاياتلىقنى ئۇنچە ئېچىنىشلىقتەك ئويلىۋالماڭ

◇ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىنمۇ مۇھىم بولغىنى نېمە؟

◇ ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىش، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئاجىزلىقتۇر

◇ بىر قىزىقىشى بولۇش جورىسى بولۇشتىنمۇ مۇھىم

◇ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ساپا

◇ كىم سىزنى ۋاز كەچتۈرگەن بولسا، سىز شۇنى مەغلۇب قىلىڭ

◇ ھاياتتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئۈچ خىل پەزىلەت

◇ ياخشى ئادەم بولسىڭىز بولىدۇ، ئەمما، «تىكىنىڭىز»مۇ بولۇشى كېرەك



خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
uyghur.people.com.cn
بىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ

© 版权声明
THE END
喜欢就支持一下吧
点赞0 分享
相关推荐
  • 暂无相关文章
  • 评论 抢沙发

    请登录后发表评论

      暂无评论内容